Iniciar sesión
Iniciar sesión
Iniciar sesión
Seleccionar idioma

042Ash-Shurá 42:11 فاطر السماوات والارض جعل لكم من انفسكم ازواجا ومن الانعام ازواجا يذروكم فيه ليس كمثله شيء وهو السميع البصير ١١

42:11
فَاطِرُ
ٱلسَّمَٰوَٰتِ
وَٱلۡأَرۡضِۚ
جَعَلَ
لَكُم
مِّنۡ
أَنفُسِكُمۡ
أَزۡوَٰجٗا
وَمِنَ
ٱلۡأَنۡعَٰمِ
أَزۡوَٰجٗا
يَذۡرَؤُكُمۡ
فِيهِۚ
لَيۡسَ
كَمِثۡلِهِۦ
شَيۡءٞۖ
وَهُوَ
ٱلسَّمِيعُ
ٱلۡبَصِيرُ
١١
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
Continuar leyendo

Lee Tafsir

Ibn Kathir (Abridged)

Allah is the Protector, Ruler and Creator

Here Allah denounces the idolators for taking other gods instead of Allah, and declares that He is the True God, and it is not right to worship anyone except Him Alone. He is the One Who is able to bring the dead back to life and He is Able to do all things.

…

Allah is the Protector, Ruler and Creator

Here Allah denounces the idolators for taking other gods instead of Allah, and declares that He is the True G

…
Más Tafsires

Leer en contexto

Capítulo 42, Página 484, Juz 25

10. سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن. 11. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. 12. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. 13. ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ. 14. (يەھۇدىي، ناسارا قاتارلىقلار) ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى بىلگەندىن كېيىن)، ئاندىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى) قىيامەتكىچە تەخىر قىلىشتىن ئىبارەت سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بولاتتى (يەنى ئۇلار تېز ھالاك قىلىنغان بولاتتى). ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلار (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن زامانداش بولغان ئەھلى كىتاب) (كىتاب ھەققىدە) قاتتىق دەرگۇماندىدۇر. 15. شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «ئاللاھ نازىل قىلغان (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر». 16. كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، (كىشىلەرنى ئىماندىن توسۇش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دىنىدا خۇسۇمەت قىلىشقانلارنىڭ دەلىللىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا باتىلدۇر، ئۇلار (دۇنيادا) غەزەپكە ئۇچرايدۇ، (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. 17. ئاللاھ كىتاب (يەنى قۇرئان) نى ھەق بىلەن نازىل قىلدى ۋە ئادالەتنى نازىل قىلدى. سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن. 18. قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ بولۇشىنى ئالدىرىتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بولسا قىيامەتتىن قورقىدۇ، قىيامەتنى ھەق دەپ بىلىدۇ، بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرۇلۇق مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر. 19. ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزىق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.

- Muhammad Saleh

Notas y reflexiones

No tienes ninguna nota ni reflexión sobre este versículo.

Notes placeholders

Mantente conectado al Corán ❤️

Breves recordatorios significativos para reconectar, reflexionar y mantenerse conectado con el Corán.

Lea, escuche, busque y reflexione sobre el Corán

Quran.com es una plataforma confiable utilizada por millones de personas en todo el mundo para leer, buscar, escuchar y reflexionar sobre el Corán en varios idiomas. Ofrece traducciones, tafsir, recitaciones, traducción palabra por palabra y herramientas para un estudio más profundo, haciendo que el Corán sea accesible para todos.

Como Sadaqah Jariyah, Quran.com se dedica a ayudar a las personas a conectar profundamente con el Corán. Con el apoyo de Quran.Foundation , una organización sin fines de lucro 501(c)(3), Quran.com continúa creciendo como un recurso gratuito y valioso para todos, Alhamdulillah.

Navegar
Inicio
Radio Coránica
Recitadores
Sobre nosotros
Desarrolladores
Actualizaciones de productos
Retroalimentación
Ayuda
Donar
Nuestros Proyectos
Quran.com
Quran For Android
Quran iOS
QuranReflect.com
Quran.AI
Sunnah.com
Nuqayah.com
Legacy.Quran.com
Corpus.Quran.com
Proyectos sin fines de lucro adquiridos, administrados o patrocinados por Quran.Foundation
Enlaces populares
Súplicas del Corán
Versículo del Corán del día
Ayatul Kursi
Yasin
Al Mulk
Ar-Rahman
Al Waqiah
Al-Kahf
Al Muzzammil
Mapa del sitio webPrivacidadTérminos y condiciones
© 2026 Quran.com. Reservados todos los derechos
Contribuir