وَٱلۡبَلَدُ
ٱلطَّيِّبُ
يَخۡرُجُ
نَبَاتُهُۥ
بِإِذۡنِ
رَبِّهِۦۖ
وَٱلَّذِي
خَبُثَ
لَا
يَخۡرُجُ
إِلَّا
نَكِدٗاۚ
كَذَٰلِكَ
نُصَرِّفُ
ٱلۡأٓيَٰتِ
لِقَوۡمٖ
يَشۡكُرُونَ
٥٨
مۇنبەت يەرنىڭ گىياھى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان مۆمىننىڭ مىسالىدۇر). ناچار يەرنىڭ گىياھى ئاز ئۆسىدۇ (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلانمايدىغان كاپىرنىڭ مىسالىدۇر). شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلىمىز(58).